ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل 6-ئايدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 900مىليارد يۈەنگە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-17 10:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىل 6-ئايدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان، ساپ پايدىسى 166 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان، كىرىم ۋە پايدا تەڭ قەدەمدە مۇسبەت ئاشقان، كۆپ سانلىق كارخانىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ۋە ئۈنۈمى ئەسلىگە كەلگەن ياكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىستاتىستىكىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 13تىرىليون 400مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىتقا قارىغاندا 2.1 پوئىنت، بىرىنچى پەسىلىدىكىگە قارىغاندا 4 پوئىنت تارىيىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى داۋاملىق 3 ئاي تارايغان، كەسىپ ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بىناكارلىق، ئاپتوموبىل، خەۋەرلىشىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ساپ كىرىمى 438مىليارد 550مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىتقا قارىغاندا 12.6 پوئىنت، بىرىنچى پەسىلگە قارىغاندا 21.1 پوئىنت تارايدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىل 6-ئايدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 900مىليارد يۈەنگە يەتتى

بۇ يىل 6-ئايدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان