ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-19 20:26

 

 

 

 

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، خەن جېڭ قاتناشتى

 

 

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

ما جۈن، جياڭ چاۋ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتى، خەيئېر گۇرۇھى، پىڭدودو شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى ھەمدە تەكلىپ بېرىپ، دۆلەت باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتتى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ سالمىقى زور، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ۋاقتىدا ئۈنۈم بەردى، دەپ قارىدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئېلىمىز ئىقتىسادىغا مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، يېقىندىن بۇيان ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، پەيدىن-پەي مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى ئىپادىلەندى، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. لېكىن دۆلەت ئىچى سىرتىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ئۇرۇشنى پۇختا قىلىش تەييارلىقىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كۆلەملىك سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بۇ يىل ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىندى، تېزدىن ئۈنۈمىنى كۆرۈش، كارخانىلار، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىناۋەتلىك قەرزنى كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سانائەت ئىنتېرنېتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تور ئىچى سىرتىدا بىرلىكتە قويۇپ بېرىش كېرەك. «ئىككى يېڭىچە، بىر زور» قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش كېرەك.

سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جې، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى