ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پومپېئو كۆپ قېتىم جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان، قارا چاپلايدىغان سۆزلەرنى قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 10:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو: جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستى ئىمپېرىيەسى ئەمەس، جۇڭگو خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دېدى. بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 28-ئىيۇلدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ: يېقىندىن بۇيان پومپېئو كۆپ قېتىم جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان، قارا چاپلايدىغان سۆزلەرنى قىلدى دېدى.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرگىنى يوق، بىز بۇنىڭدا ئىزچىللىق، مۇقىملىقنى ساقلاۋاتىمىز.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈپ، رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىۋاتقىنى جۇڭگو ئەمەس دەل ئامېرىكا.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»تۈزگۈچى دۆلەتمۇ ئەمەس، لېكىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئۇنى بۇنى دەپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئوتتۇرھال مەيداندا تۇرۇش ۋەدىسىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قەستەن سوغۇقچىلىق سېلىش، زىددىيەت تېرىش، جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پومپېئو كۆپ قېتىم جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان، قارا چاپلايدىغان سۆزلەرنى قىلدى

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو: جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستى ئىمپېرىيەسى ئەمەس،