ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 10:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىنى 8-ئاۋغۇستتىن 11-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىدا شەھەر قوغداش قۇرۇلۇشى باج قانۇن لايىھەسى، يەر خېتى بېجى قانۇن لايىھەسى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش قائىدىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ، دۆلەت بايرىقى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ، دۆلەت گىرىبى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلسا.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسى قىلىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ھەققىدىكى قارارى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلات، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ «14-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسى تۈزۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار بىرقانچە مۇھىم مەسىلە بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلسە، قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلات، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار تەكلىپ قاتارلىقلار قاراپ چىقىلسا.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىن قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار تېمىلاردا دوكلات بەردى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 69-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.