ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ئالتە قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم 9ـ ئاينىڭ 2ـ كۈنى قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆججەتلىك فىلىمدە مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنىپتۇ.

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش. «بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 4-قىسمى «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش»تا 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زەربىدارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىش مۇساپىسى نامايان قىلىنغان. ھازىر خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەن بۇ داۋالاش خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ئىلگىرىكى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەچۈرمىشلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.

«كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى» دېگەن قىسىمدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلارنىڭ بەس-بەستە جەڭگە ئاتلانغان كۆرۈنۈشى نۇقتىلىق نامايان قىلىندى. ۋۇخەندىكى بەي رۈيجىڭ مەھەللىسىدىكى جۇ پېڭفېي يىل بېشىدا يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، تيەنجىن چەتئەل تىلى داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈي ۋېنيىڭ ئىلگىرى پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن تيەنجىن ئايرودۇرۇمىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق