ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

12-يانۋار خېيلوڭجياڭدا 16 سى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 16:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

12-يانۋار سائەت 0دىن 24كىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 16 سى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋاڭكۈي ناھىيەسىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 13 بولۇپ، خاربىن شەھىرى شياڭفاڭ رايونىدا ئۈچى بار. ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن يەنە 12 سى كۆپەيدى.

يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭكۇي ناھىيەسى خۇيچى بازىرى خۇيچى كەنتىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقۇچىلار. شۇ جاي ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بارلىق خادىملارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى. مۇتەخەسسىسلەر كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ياكى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويدى. ھازىر ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكىلىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ ياكى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ چىقىلغان بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقۇچىلارنى ئايرىپ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى بارغان سورۇنلارنى ئاخىرقى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدى ۋە يېپىق باشقۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

12-يانۋار خېيلوڭجياڭدا 16 سى كۆپەيدى

12-يانۋار سائەت 0دىن 24كىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 16 سى كۆپەيدى.