ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋاملاشماقتا» مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 09:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي يۆتكىلىشى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋملاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن قىسمى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ شەھىرى لوچېڭ كوچىسى تۈنتيەنشى كەنتىدە «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى»غا كېلىپ كىتاب كۆرۈش كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مودا پائالىيەت بولۇپ قالدى. شۇ جاي كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتىنى يېزا- كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بوشلۇقىغا سىڭدۈرۈپ، «ئالاھىدە+دېھقانلار كۇتۇپخانىسى»دىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلام مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، تۈنتيەنشى كەنتىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسىمۇ «8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى سىشيەن ناھىيەسى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى ناچار ئادەت قاتارلىق ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتنى توسۇش ئۈچۈن بىكار تۇرغان ئاپتوبۇسلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى «كۆچمە يېڭى ئىستىل سارىيى»غا ئۆزگەرتىپ، مەيدان، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ سەھىيە كاپالىتىگىچە بولغان بىر يۈرۈش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

خۇنەن ئۆلكىسى جاڭجياجيې شەھىرى سوشى جىلغىسى كوچا باشقارمىسى توققۇز كەنت، مەھەللىنى 44 بۆلككە ئايرىپ، ھەر بىر بۆلەكتە يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ئەمەلىيىتى مەدەنىيەت كىچىك مەيدانى قۇردى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، رادىيو قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، مەيدان ئۇسسۇلى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە قەرەللىك ھالدا يېزىلارغا يەتكۈزۈش، دېھقانلار كەچلىك كۇرسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھېنگان ئايمىقى زابېت خوشۇنى خاۋلىباۋ بازىرى گۇمياۋ كەنتى «قوش يۇلتۇز باھالاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، پەرزەنت تەربىيەلەشتە تەدبىرلىك بولۇش قاتارلىق ئون جەھەتتىن پەسىل بويىچە كەنت ئاھالىلىرىگە يۇلتۇز باھالاش جۇغلانما نومۇرى بېرىپ، كۆپچىلىكنى مەدەنىي، مودا يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ گۈزەل بولۇشى، تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ گۈزەل بولۇشى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ خۇەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋاملاشماقتا» مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك،