ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 09:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 14-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدا بىر يۈرۈش مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ «14-بەش يىل»دىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى، بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ لايىھەسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلات لايىھەسى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق كۆرۈش ۋە تەشكىللەشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «14-بەش يىل»نى يىغىننىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، بارلىق ئەزالارنى «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش. دېموكراتىيەنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تور ئىچى سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنى سۆز قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، كەڭ-كۇشادە پىكىر بايان قىلىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل يىغىن كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش. ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەزالار ئارىسىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەزالار ئارقىلىق ئاممىغا ئورتاق تونۇش تارقىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر يىلدىن بۇيانقى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سالاپىتى ۋە پارتىيە-گۇرۇھ، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى نامايان قىلىش. يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىننى ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يىغىن ئىستىلىنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتىنىڭ توغرا، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئۇقتۇرۇلدى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى، چۈشەندۈرۈش ۋە دوكلات بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 14-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.