ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كومپارتىيە ئەزالىرى خېبېيدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىدە كۈرەش قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 15:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

2021-يىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، خېبېي ئۆلكىسىدە 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر يەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى بايقالدى. ناھايىتى تېزلا، شىجياجۇاڭ ۋە شىڭتەيدىكى يۇقۇم ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، لاڭفاڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ تارقاق بىمار بايقالدى. ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى بىردىنلا كەسكىنلەشتى.

يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق! خېبېي ئۆلكىسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يوقىتىشنىڭ بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جېڭىنى خېبېي زېمىنىدا باشلىدى.

كومپارتىيە ئەزالىرى بىر-بىرلەپ زەربىدارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلاندى، پارتىيە ياچېيكىلىرى بىر-بىرلەپ ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلدى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلدى.

1-ئاينىڭ 5-كۈنى يېرىم كېچىدە، خېبېي ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا چىراغلار يوپيورۇق ئىدى. دوختۇرخانا شىجياجۇاڭ شەھىرى گاۋچېڭ رايونىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ئادەم ئەۋەتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى، تېببىي خادىملار بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇردى. ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ 50 نەچچە ياشلىق پېشقەدەم مۇدىرى، تەجرىبىسى مول تۇغۇت دوختۇرى، 20 ياشتىن ئاشقان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى ۋە ياش سېسترالار بولۇپ قىسقىغىنا يېرىم سائەتتە، جەڭگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار 300 دىن ئاشتى.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، بالا-چاقىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ، زەربىدارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلاندى!
ھەر بىر مۇراجىئەتنامىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن باراي!» دېگەن سۆزلەر بولدى.

نۆۋەتتە، شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، لاڭفاڭدا جەمئىي 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بىرىنچى سەپتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتنىشىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇدى، ئۆيلىرىدە تۇرۇۋاتقان 73 مىڭ پارتىيە ئەزاسى مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشتى.

داۋالاپ قۇتقۇزۇشتىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكىچە، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئەشيا ئوبوروتىغىچە، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشكىچە-قاتلاممۇ-قاتلام تۇتاشتۇرۇلۇپ، زىچ تور ھاسىل قىلىندى. ئەھۋال جىددىي، ھەر بىر خىزمەتنىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، لاڭفاڭدا نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرىنچى بولۇپ «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى»، «ئىتتىپاق ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئەترىتى» ۋە «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇرۇدى، پارتىيە ئەزالىرى «سالاھىيىتىنى كۆرسىتىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» ئارقىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى، مەھەللە پىدائىيلىرى ۋە كەڭ ئاممىنى يېتەكلەپ، قەھرىتان سوغۇقتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلدى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن پۈتۈن ئۆلكىدە سوغۇق ئېقىم پەيدا بولدى، سۇلار مۇز تۇتۇپ كەتتى. مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان بىر مەيدان نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش «زەربىدارلىق جېڭى» ناھايىتى تەستە قانات يايدۇرۇلدى. پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قېلىن مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى بار ئىدى.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىكى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ پائال ماسلىشىشى ئارقىسىدا، شىجياجۇاڭ ۋە شىڭتەي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تېزلىتىپ، 72 سائەتلىك سۈرئەتنى يارىتىپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.

1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، شىجياجۇاڭ ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 10 مىليون 250 مىڭ ئادەمنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شەھەر بويىچە بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىككىنچى نۆۋەت تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ھازىر خېبېي ئۆلكىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بىراقلا غەيرەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈشىگە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.

ئۆلكە مەركىزى شىجياجۇاڭدا، پۈتۈن شەھەردىكى 22 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 639 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، 45 مىڭ پىدائىي، زاپاس كادىر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنگەنلەرنى يېتەكلەپ، 3500 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، ياشلار ئاۋانگارت ئەترىتى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

ئورگانلاردىن ئاساسىي قاتلاملارغىچە، شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، كارخانىلاردىن مەھەللىلەرگىچە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن كەڭ خەلق ئاممىسىغىچە-كىشىلەر 188 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان خېبېي زېمىنىدا بىر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر قورغان، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ بىر بايراق ئىكەنلىكىنى كۆردى.

يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىز ھامان غەلىبە قىلىمىز! 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كومپارتىيە ئەزالىرى خېبېيدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىدە كۈرەش قىلماقتا

2021-يىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، خېبېي ئۆلكىسىدە 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر يەرلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق