ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، تۆت تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئومۇملاشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرى، كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، تۇرۇشلۇق ئورۇن نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش-نازارەت قىلىش تولۇق قاپلىغان ھوقۇق نازارەتچىلىكى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى نەق مەيداننى كۆزىتىش خىزمىتىنى تاماملىدى. بۇنىڭ بىلەن پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىش نىسبىتى%70تىن ئاشتى. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى خۇ ۋېنمىڭ، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش بوغالتىر لو جياماڭ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جىنزاۋ قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

مەسىلىلەر بايقىلىپ، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەنزۇچە 16 خەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىدا كۆزىتىپ بايقاش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش رولى ئېنىق يىغىنچاقلاندى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كۆزىتىش خىزمىتى يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئاڭلىق يېتىشىپ مېڭىپ، مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزىتىش تۈزۈمى، نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەردە بولسا، سىياسىي نازارەتچىلىكمۇ شۇ يەردە بولدى. 2020-يىلى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «ئىككىنى قوغداش»نى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشقا قارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈردى، بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئۇقتۇردى. خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى،رېۋىزىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا «بەش ماددىلىق قاتتىق ئىنتىزام تەلىپى» چىقاردى. جەڭدىن قېچىش، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق بەش خىل ئەھۋالنى قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. خۇبېي ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق نازارەت، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

2021-يىلى 14-بەش يىللىق پىلان ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى دائىملىق نازارەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىقلار ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر گەۋدىلەشكەن پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى باشلاش، ياخشى قەدەم تاشلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.#

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، تۆت تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئومۇملاشتۇرۇلدى

بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە