ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزىلاردىكى ئىسلاھات تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 09:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ-«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي يۆتكىلىشى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەمدى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھات تېزلىتىلمەكتە» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ كۆلىمى زور، ئەگەر جانلاندۇرۇلمىسا ۋە تەرتىپكە سېلىنمىسا، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەسكە توختايدۇ. چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، 2018-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 850 مىليون يۈەن مالىيە مەخسۇس مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئاجرىتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. شىنىڭ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ لياڭيەن مۇنداق دېدى: بىز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كېپىل بولۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ پاينىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش تىپى، كوللېكتىپ مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق ۋە زورايتتۇق.

دۆلەتنىڭ شەھەر-يېزا يۇغۇرۇلما تەرەققىيات سىناق رايونى بولغان خېنەن ئۆلكىسى شۈچاڭ شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يەرلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن يەنلىڭ ناھىيەسىدە ئىككى يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈنۈپ بېرىپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى دۆلەت قۇرۇلۇش يېرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇق، ئوخشاش باھا، ئوخشاش بازارغا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۈچاڭ شەھىرى يەنلىڭ ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى چىن شاۋخۇي مۇنداق دېدى: بىز ئىسلاھاتتا ئىزدىنىش ئارقىلىق، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ باغچە رايونىغا كىرىشى قىيىن بولۇش، يېزىلاردىكى ئۆزگىچە ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى يوق بولۇش، كەنت-بازارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش كەينىدە قېلىش، بايلىقتىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش قاتارلىق بەش مەسىلىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يەرلىرىنى بازارغا كىرگۈزۈشنىڭ بىر يۈرۈش ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەرتىپى ئۈستىدە ئىزدەندۇق.

ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇش-يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر نۇقتىلىق مەسىلە. جايلار يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننۇر شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسى فۇيۈ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جېڭ يۈتىڭ مۇنداق دېدى: يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كوپىراتىپىمىزنىڭ يەرنى ئوبوروت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى، كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، بىز بىر قىسىم چوڭ ماشىنىلار، جۈملىدىن بىر تۇتاش مۇداپىئەلىنىش، بىر تۇتاش تۈزەشنى بىر تۇتاش كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇردۇق، كۆلەملەشكەن تىجارەت ئارقىلىق، مو بېشى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز قانۇن بويىچە ئۆتۈنمە ھۆددىگە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە پاي قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوبوروت قىلىش، ھۆددىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىمىز. دېھقانلارنى ئىختىيارلىقى بىلەن يەر ئالماشتۇرۇش، ھۆددە يەرنى پاي قوشۇش ئارقىلىق يەر پاي كوپىراتىپى قۇرۇش، ئائىلىلەر بىرلىشىپ باشقۇرۇش، دېھقانلار كوپىراتىپى بىرلەشمىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يەر ئوبوروت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز؛ باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېھقانلار ياكى دېھقانلار كوپىراتىپلىرىنى «زاكاز يېزا ئىگىلىكى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمى-ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھىرى گۈيياڭ ناھىيەسى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش تولۇقلىمىسى، ئاشلىقنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، شال ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، كارخانا ۋە دېھقانلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇقتىلىق قوللىدى. گۈيياڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېڭ لىنجۈن مۇنداق دېدى: ئاشلىق مەنپەئىتىگە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېلىشتۇرما ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، بىز مەبلەغ بىلەن مۇكاپاتلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاشلىقنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش» بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى سىياسەت ۋە ئىسلاھات مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ چاڭباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى پىلانلايمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز. دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز. 



中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزىلاردىكى ئىسلاھات تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش