ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2021-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، خېنەن ئۆلكىسى ئالدى بىلەن ئىككى يىغىن ۋاقتىغا قەدەم قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي كېڭەش خېنەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جېڭجۇدا ئېچىلدى، خېنەن ئۆلكىسى ئالدى بىلەن «ئىككى يىغىن مەزگىلى»گە قەدەم قويدى، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن خېنەن ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى، خېنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈنگە قىسقارتىلدى، يىغىن كۆلىمى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، پۈتۈن مۇساپە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى؛ ھەرقايسى ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق جاي، ئەزالار تۇرۇشلۇق جاي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى. خېنەن جۇڭجۇ مېھمانخانىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن خۇەيجۈن مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يولغا چىققان جاي ۋە كىرگەن جايدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى قوش تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، مېھمانخانىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتى چىڭىتىلدى.

2021-يىلى 14-بەش يىللىق پىلان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل. شۇڭا، بۇ يىل خېنەن ئۆلكىسى ئىككى يىغىنىدا ئادەتتىكى قارالمىلاردىن باشقا، خېنەن ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا يەنە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى بىكىتىش پروگرامما لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ما شياڭجيې مۇنداق دېدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي كارخانىلارنىڭ ئەسلىگە كىلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

2021-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، خېنەن ئۆلكىسى ئالدى بىلەن ئىككى يىغىن ۋاقتىغا قەدەم قويدى

سىياسىي كېڭەش خېنەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جېڭجۇدا ئېچىلدى، خېنەن ئۆلكىسى