جۇڭگو كېشىڭ ۋاكسىنىسى بىرازىلىيەدە جىددىي ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرازىلىيە دۆلەتلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو بېيجىڭ كېشىڭ جۇڭۋېي بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى كېرلەيفۇغا جىددىي ئىشلىتىش ئىجازىتى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىرازىلىيەدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكۈچىلەر شۇ كۈنى جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى ئەملەتتى.
كېرلەيفۇدىن باشقا، شۇ كۈنى جىددىي ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلەردىن يەنە ئوكسفورد داشۆسى بىلەن ئەنگلىيە ئاسلىكان دورىچىلىق شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىمۇ بار. بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئېدۋاردو پازۇلو 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ھەر قايسى ئىشتاتلارغا ۋاكسىنا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.