ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز يېزىلىرىدا رەقەملىك تېخنىكىنى قوللىنىش تېزلىتىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:57

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنشېڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەقەملىك تېخنىكا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى تېز تەرەققىياتى ۋە كۆپلەپ قوللىنىلىشى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تېخىمۇ كۆپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

لى چۈنشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشىل تەرەققىيات، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ماركا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشتا، مۇھىمى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. ھازىر رەقەملىك تېخنىكا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، كەلگۈسىدە يەنە بۈيۈك مەلۇمات ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە رەنىگە قويىدىغان نەرسىسى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىدا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ تورلىشىش نىسبىتى %99 كە يەتكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنتلەردە ئوپتىك تالا ۋە G4 بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98 تىن ئاشقان.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تيەنزو مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئېلىمىز يېزىلاردا رەقەملىك تېخنىكىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىنى ھازىرلىدى، رەقەملىك تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش- يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ».







中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز يېزىلىرىدا رەقەملىك تېخنىكىنى قوللىنىش تېزلىتىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنشېڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: