ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 18:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىۋاتقان، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، نۇرغۇن زور نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2020-يىلى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، %2.3 تەتۈر ئاشتى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى، تېخىمۇ زور سەۋىيەگە يەتتى.

2020-يىلى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 101 تىرىليون 598 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى. كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللىشىپ، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاندى ھەم ئورۇنلىنىش ئەھۋالى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى. «13-بەش يىللىق» پىلان تولۇق تاماملاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.

2020-يىلى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، نىڭ جىجې مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ-ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ يەنە بىر يېڭى، زور سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، ئىنتايىن مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: 20 يىل ئىچىدە، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 10 ھەسسە كېڭىيىپ، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 14 تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيادا 2-ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %17 كە يېتىشى مۇمكىن. 2020-يىلى كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئىككى يىل ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرىراق كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدىن مۇقىم ئورۇن ئالدى.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتتى، ئېلىمىزنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، داۋاملىق دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ «ئۈزگۈلۈك ئاينى چىقىپ يەتتە قات كۆك قەرىدىن، سۈزگۈلۈك تاشپاقىنى ئوكيان-دېڭىزلار تەكتىدىن» دېگەن ئىشلار رېئاللىققا ئايلاندى؛ 220 نەچچە خىل سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 38 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 155 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، 5G تېرمىنالىنىڭ ئۇلىنىش سانى 200 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن ۋېنلىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن جانلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى دېدى.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى يەنە ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. 2020-يىلى، پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 39 تىرىليون 198 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.3 كە يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئىستېمال يەنىلا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى. جۇڭشىن ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جۇ جيەنفاڭ بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇس ۋە ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكى ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دېدى.

ئىچكى ئىستېمال ۋە ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2021-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانى كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. مورگان سىتانلى شىركىتىنىڭ جۇڭگو باش ئىقتىسادشۇناسى شىڭ زىچياڭ جۇڭگونىڭ كەسىپ زەنجىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل بولۇپ، دۇنيانىڭ لازىمەتلىكلەر تەمىناتىنى داۋاملىق بىخەتەر ماكان بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ھۆكۈم قىلدى. جۇڭگو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاسىيادىكى 15 دۆلەت سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېلىشىمى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىلاشتۇرۇشنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. شۇڭا بۇ ئامىللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر