[100 يىللىق كۈرەش يولىدا يېڭى سەپەرگە ئاتلىنايلى] ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى: يېڭى جۇڭگونىڭ «دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇشى»
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
مۇخبىر لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھىرىدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىدا زىيارەتتە بولدى. 1950-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى مەردانىلارچە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قەدەم تاشلاپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن قوماندان پېڭ دېخۇەينىڭ مىس ھەيكىلىدىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەمدە پېڭ دېخۇەينىڭ خەۋپ ئالدىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدەك مەنزىرە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى پېي يانەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداش» دېگەن سەككىز چوڭ خەتكە خاتىرە سارىيىنىڭ ئاساسىي كۆرگەزمە باش تېمىسى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلانغان. بۇ يەردە كۆپچىلىك رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىمزالىغان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش بۇيرۇقىنى، يەنە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ بىرلەشمە خىتابنامىسىنى كۆرەلەيدۇ، خىتابنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداش ھەققانىي ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىغا كەلگەن ساياھەتچى خۇاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: مەردانىلەرچە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتىمىز؛ تىنچلىقنى، ۋەتەننى قوغدىغانلىق-يۇرتنى قوغدىغانلىق. 70 يىل ئىلگىرى، بۇ ناخشا شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسى ئىدى. خاتىرە سارىيىدىكى ئۇرۇشلار، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر ماڭا جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ چەكسىز كۈچىنى كۆرسەتتى.