ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار تەقدىرلىنىدۇ.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، خەلق تورى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى تەڭ قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ.