ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 23-فېۋرال 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئاددىي، بىخەتەر، قالتىس» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرىنىڭ مەيدان ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان مەيدان-سارايلار، تۈرلۈك يانداش ئەسلىھەلەر ۋە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا تاماملاش. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، سىناش پائالىيىتىنى جانلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش. مۇسابىقىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇسابىقە ھەرىكىتى قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش، تەڭشەش، يۈرۈشتۈرۈش تەرتىپلىك جىپسىلاشقان قوماندانلىق قىلىش، تەڭشەش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى، مەشئەل يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەش. كارغا كېلىدىغان بولۇش، يېتەرلىك بولۇش، قوللىنىشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، داۋالاش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق مۇسابىقە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش. تۆۋەن كاربونلۇق باشقۇرۇشنى قاتتىق قانات يايدۇرۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى پۈتۈنلەي نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش. تەنتەربىيە ئەخلاقى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسىگە «قىلچە يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇش. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پاك ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پاك، نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 23-فېۋرال 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ،