ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەلبداشلىق كۆچىتى تىكىلىپ، ئىتتىپاقلىق مېۋىسىدىن ھوسۇل ئېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 10:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپ كۆرسەتكەن. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر ئىختىساسلىقلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ھەر بىر تۈرنى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ئەينى يىلى تىكىلگەن قەلبداشلىق دەرىخى بۈگۈنكى كۈندە خۇشاللىنارلىق ئىتتىپاقلىق مېۋىسى بەردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىر ئىختىساسلىقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىشلەش، يىلتىز تارتقۇزۇش، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ تيەنشياڭ 60 نەچچە ياشلىق ماۋېريەن ئەمەت بىلەن تۇغقانلاشتى. ھېيت-بايراملاردا، ۋاڭ تيەنشياڭ ئەستايىدىللىق بىلەن سوۋغات سېتىۋېلىپ بۇ ياشانغان كىشىنى يوقلايدۇ، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پاراڭلىشىدۇ. ماۋېريەن مۇنداق دېدى: ئۇ دائىم ماڭا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنە قىزىمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى، پارتىيەنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى كادىرنى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋاڭ تيەنشياڭ بىلەن ماۋېريەننىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش ئىشلار شىنجاڭغا ياردەمگە بەرگەن نۇرغۇن كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئارىسىدا پەيدا بولدى.

مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بى دېگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئالتە مىللەتتىن بولغان توققۇز ئائىلە بىلەن تۇغقانلاشتى، 11 بالا ئۇنى قىزغىن ھالدا «بېيجىڭلىق دادا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار كۆپ خىل شەكىللەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك بېرىش-كېلىش قىلىش، مۇڭدىشىش، سىردىشىش جەريانىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

ھېسسىيات ئۆز ئارا بېرىش-كېلىش داۋامىدا چوڭقۇرلىشىدۇ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش داۋامىدا قويۇقلىشىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋ شياڭلى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. ئۇ «كېچىڭزى مېھىر-شەپقەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى»نى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا 300 دىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، ئۆزى يەنە 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىر ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ جەمئىي 481 ئائىلىدىكى 1634 كىشى بىلەن تۇغقانلاشقان، پەقەت شەخسلەر جۇغلىغان ئىئانە توپلاپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىلا جەمئىي ئۈچ مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەلبداشلىق كۆچىتى تىكىلىپ، ئىتتىپاقلىق مېۋىسىدىن ھوسۇل ئېلىندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپ كۆرسەتكەن.