ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورى پىلان پىروگراممىسى تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 16:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورى پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

«پىلان پىروگراممىسى»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىندى، ئېنىق تەرەققىيات نىشانى 2035–يىلىغا بارغاندا قولايلىق، راۋان، ئەرزان يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل تېجەشلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، بىخەتەر ئىشەنچلىك زامانىۋىلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئىستېرېئولۇق، راۋان يېتىپ بېرىش، ناھىيە دەرىجىلىك تۈگۈنلەرنى ئۈنۈملۈك قاپلاش. مەملىكەت بويىچە 123 سەپەرگە چىقىش قاتناش چەمبىرىكىدە مەركىزىي شەھەر رايونىدا بىر سائەتتە، شەھەرلەر توپىدا ئىككى سائەتتە يېتىپ بېرىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى ئۈچ سائەتتە قاپلاش ۋە يەر شارى بويىچە 123 تېز مال ئوبوروت چەمبىرىكىدە دۆلەت ئىچىگە بىر كۈندە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئىككى كۈندە، يەر شارىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئۈچ كۈندە يەتكۈزۈپ بېرىشكە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش. قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى ۋە يېشىللىشىش سەۋىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش.

«پىلان پىروگراممىسى»دا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، مۇكەممەل بولغان دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورىنى بەرپا قىلىپ، 2035-يىلىغا بارغاندا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورىدىكى ئەمەلىي گەۋدە تورىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 700 مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىككىنچى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورى ئاساسىنى تىز بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي گەۋدە تورى مۇساپىسى تەخمىنەن 290 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ؛ ئۈچىنچى، كۆپ قاتلاملىق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ؛ تۆتىنچى، دۇنياغا يۈزلەنگەن بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي،چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدوڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىدىن ئىبارەت تۆت چىڭ خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى توپى شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ تۆتىنچى،دۇنياغا يۈزلەنگەن تىرانسپورت تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

«پىلان پىروگراممىسى»دا تۈرلۈك تىرانسپورت شەكلىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئۈستىدە كونكرېت پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئۇنىۋېرسال قاتناش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ نىشان ۋە ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، بايلىق تىرىكى، مەبلەغ كاپالىتى، يولغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

بۇ پىلان پىروگراممىسىنىڭ پىلان مۇددىتى 2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە بولۇپ، يىراق كەلگۈسى پىلانى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورى پىلان پىروگراممىسى تارقىتىلدى

يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئو قاتناش تورى پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.