ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى ئارمىيە سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئارمىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى خىزمەت بەلگىلىمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ-2021-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»-ئارمىيەمىزنىڭ پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى مەخسۇس قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزامى، بۇ بەلگىلىمىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش نىشانلىنىپ، پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنى تەسىس قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپى، تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئارمىيەدە توغرا، بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بەلگىلىمە» جەمئىي سەككىز باب، 37 ماددا بولۇپ، پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنى تەسىس قىلىش، رەھبەرلىك-يېتەكچىلىك مۇناسىۋىتى، بۇرچ، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش، خىزمەت تۈزۈمى، نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيەت قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى ئارمىيە سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئارمىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى خىزمەت بەلگىلىمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ-2021-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.