ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى جىلىن، گۇاڭشى، خېنەندە لېكسىيە سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى جىلىن، گۇاڭشى، خېنەندە لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، قىزىل تارىخنى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مائارىپ باشلىقى ليۇ جيەنخۇي 30-مارت جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە مەزگىلىدە، ليۇ جيەنخۇي يەنە سىپىڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، جىلىن سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆھبەتلەشتى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېن 29-مارتتىن 30-مارتقىچە گۇاڭشىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. بەيسې قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيىدا خەن جېن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارتىيە تارىخى تەربىيەسى، ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بەيسېدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىمۇ نۆۋەتتە شۇ جاينىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى مول شەكلىدىن بەھرىمەن بولدى.

29-مارت، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى جىن يىنەن خېنەننىڭ جېڭجۇدا «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ، ئېتىقاد» نى لېكسىيە باش تېمىسى قىلىپ، خېنەندىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. جىن يىنەن يەنە شىمالىي جۇڭگو سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر داشۆسىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有