ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 10:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 7-ئاپرېل گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا تور سۈرىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارغا ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيە ئورتاق ياردەم بېرىش كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، شەخسىي ھېسابات مەبلىغىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش بېكىتىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور سۈرىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، مۇقىم كەڭ بەلباغ ۋە كۆچمە تور سۈرىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلىپ، ھەق زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە تىرەكلىك رول ئويناپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تور سۈرىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، 5G تورى ۋە مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورى قۇرۇلۇشىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى ياخشىلاپ، شەھەرلەرنىڭ «مىڭ مېگابايتلىق تورنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ يىل مىڭ مېگابايتلىق تور بىلەن قاپلانغان ئائىلىلەرنى 200 مىليوندىن ئاشۇرۇش. كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ مەمۇرىي كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات رايونى، مۇھىم قاتناش يولى لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور ھەققى ۋە مەخسۇس لىنىيە ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %10 تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىق ئالاھىدە ئاممىغا ھەقتە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، سودا بىنالىرىغا كەڭ بەلباغنى مونوپول قىلىپ ئۇلاش، مەجبۇرىي باھا قوشۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەپ، تېرمىنال ئابونتلىرىنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتەك ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. كەڭ بەلباغلىق تور ئۇلاش كەسپىنىڭ ئىجازەت شەرتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىنى قوللاپ، بازار ئادىل رىقابىتى ئارقىلىق ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، تور بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. ئىنتېرنېت تايانچ تورى ئارىسىدىكى بەلباغنىڭ كەڭ دائىرىدە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور ھالقىغان خەۋەرلىشىش سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتىدا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بىر مىلياردتىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورى بەرپا قىلىنىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش، داۋالىنىش قىممەت بولۇشنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە نۇرغۇن بىمارلارغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئامبۇلاتورىيەدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىنىدىغان بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىشقا كىرگۈزۈپ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 7-ئاپرېل گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا تور سۈرىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارغا ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى