«كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى»
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8-ئاپرېل «كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ھالىتى بىلەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى-پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدانىڭ تۆتىنچىسى» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، ئەسلىنى ئۇنتۇمىغاندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى تىرىشىپ باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىگە ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو كومپارتىيەسى زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش شەرت.