ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-24 13:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق 1-پەسىللىك تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىم سانلىق مەلۇماتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرى ھەرىكىتىنىڭ تەكشى، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقى ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بانكىنىڭ ئايرىباشلاش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2021- يىلى 1-پەسىلدە، دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، بانكا راسچوت قىلغان تاشقى پېرېۋوت 590 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ساتقان تاشقى پېرېۋوت 501 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئايرىباشلاش ئاكتىپ بالانسى 88 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بانكىنىڭ خېرىدارلارغا ۋاكالىتەن تاشقى پېرېۋوتقا مۇناسىۋەتلىك كىرىم-چىقىم سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، تاشقى پېرېۋوتقا مۇناسىۋەتلىك كىرىم ـ چىقىم ئاكتىپ بالانسى 121 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا ئىزچىل ئەۋرىشىملىك، ئاقىلانىلىك ۋە تەڭپۇڭلۇق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاڭ چۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىش ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم بولىدۇ.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادى مۇقىملىشىش ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى ئۆرلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بازار ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ بوشىتىلغان پۇل سىياسىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ۋاڭ چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك بوشىتىلغان پۇل سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىزدە ھەددىدىن كۆپ يىغىلىپ قالغان تاشقى قەرز يوق، ئېلىمىزنىڭ بازار خەۋپ-خەتىرىنى پەسەيتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىزنىڭ يەنىلا خەلقئارا كىرىم-چىقىم ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش شارائىتىمىز بار.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم بولدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق 1-پەسىللىك تاشقى پېرېۋوت