ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېي يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-25 16:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى باشلامچى، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىدۇ.

ۋۇخەندىكى بىر لازىر نۇرلۇق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش سېخىدا، خىزمەتچىلەر بىر لازېر نۇرلۇق كېسىش ماشىنىسى ئالدىدا، زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى قىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەت-خۇبېي ئۆلكىسى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە نۇقتىلىق قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان «گۇاڭگۇ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ كارىدورى»نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يەن داپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى قۇۋۋەتنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىدۇ، مەسىلەن: 100 مىڭ ۋاتلىق ئوپتىك تالالىق لازېر ئاپپاراتى ياساپ چىقىدۇ. بىز نۇر دەۋرىگە قەدەم قويدۇق، شۇڭا لازېر ئاپپاراتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا، ئەڭ تىپىك بولغىنى لازېر ئاپپاراتىنىڭ قۇۋۋىتى بولۇپ، ئەسلىدە نەچچە مىڭ ۋات كېلەتتى، ھازىر 30 مىڭ ۋات، 40 مىڭ ۋاتتىن 100 مىڭ ۋاتقىچە بولۇۋاتىدۇ.

خۇبېي ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئۆلكە بويىچە رايون يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجادىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. تۈركۈملىگەن كارخانىلار تەرەققىيات قارىشىنى تۈپتىن يېڭىلىدى.

يېقىندا، جەمئىي بەش مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان مېيدى كىرئالغۇسى جىڭجۇ كەسىپ باغچىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى، بۇ تۈردە G5، AI، بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك سانائەت 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېتىش كىرىمىنىڭ 15 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى. زاۋۇتنىڭ باش دىرېكتورى لى جېن مۇنداق دېدى: بىز تەتقىقات، سېتىۋېلىش، ياساش ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە سىڭدۈرۈلگەن تولۇق قىممەت زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى %15 ئۆستۈردۇق، زاكازنى تاپشۇرۇشنىڭ دەۋرىيلىكىنى %50 كە قىسقارتتۇق.

«14-بەش يىللىق پىلان» باشلانغان ۋە يۇقۇمدىن كېيىن قايتىدىن جانلانغان ھالقىلىق يىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل خۇبېي ئۆلكىسى يەنە ئېجۇ ئايرودۇرۇمى، چاڭجياڭ ياقىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق بىر تۈركۈم زور تۈرلەر ۋە بىر تۇتاش پىلانلانغان رايون تەرەققىياتىغا «قوش تۈرتكە بولۇش» ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىدۇ. چاڭجياڭ ياقىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خۇبېي بۆلىكى-چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش كارىدورىنىڭ يولۇچى توشۇشتىكى تايانچى بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 850 كىلومېتىر، تەخمىنەن 180 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. خۇبېي ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇڭ بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى-خۇبېينىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ دېدى.

كېيىنكى قەدەمدە، خۇبېي ئۆلكىسى يەنە رايون قاتناش ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكى، پەن-مائارىپ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىدۇ ۋە كۈچلۈك بازار تۈگۈنى بەرپا قىلىدۇ. خۇبېي ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې گاۋبو مۇنداق دېدى: بىز خۇبېينى مەملىكەت بويىچە مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئىلغار ياسىمىچىلىق مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ۋە رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بىلەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارا قوش ئايلىنىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇلىنىشىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن، ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى تاشلايمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېي يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلماقتا

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى باشلامچى، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىدۇ.