ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ چىشەن جۇڭگو-ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-26 09:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 24-ئاپرېل جۇڭگو-ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ۋىدېيو سۆزى قىلدى.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ياخشى سۆزلىشىش پائالىيىتى. «كىچىك توپ ئارقىلىق چوڭ توپنى ئىلگىرى سۈرۈش» جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىدىكى تارىخىي مۇساپىسىنى باشلىدى. 50 يىلدىن بۇيان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق،قارشىلاشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ چاغان ھارپىسىدىكى تېلېفونلىشىشنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختىنى چىقىش قىلىپ، تارىختىن ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوبۇل قىلىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن تەڭ غەلىبە قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئامېرىكا خەلق دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر قاتارلىقلار ۋىدېيو ئارقىلىق سۆز قىلدى. جۇڭگو-ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى توردا ۋە تور سىرتىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ چىشەن جۇڭگو-ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 24-ئاپرېل جۇڭگو-ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ۋىدېيو سۆزى قىلدى.