ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-26 10:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە تارىخى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، تەرەققىيات كۈچى قوبۇل قىلىندى. جايلار قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەمدە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش داۋامىدا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى «ئەمەلىي دەرسخانا» نى ئىجادىي يولغا قويدى، كۆپچىلىك خاتىرە سارايدا قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىدېيو ئارقىلىق ساراي سىرتىدىكى ئىنقىلابىي ئىزنالارنى كۆرۈپ، قىزىل تارىخنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدى. ھازىر «ئەمەلىي دەرسخانا» شۇ جاينىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش «قىزىل بازا»سىغا ئايلاندى.

خۇنەننىڭ شياڭشىدا ئۆگىنىش دەرسخانىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قۇرۇلدى. شىبادۇڭ كەنتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار زىيارەت قىلىش، مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسى ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋۇلىڭ تېغىدىكى نامرات رايوننىڭ شانلىق ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى. شياڭشى يەنە تۇجيا، مياۋزۇ تىلىدا لېكسىيە سۆزلەش، گۈلخان يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى سۆزلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

جياڭشى ئۆلكىسىدىكى يىچۈن كونا ئىنقىلابى رايون، يىچۈن دېھقان لېكتورلار ئۆمىكى، ياش لېكتورلار ئۆمىكى قاتارلىق تۈرلۈك لېكسىيە سۆزلەش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، مەكتەپلەر، كارخانىلار، يېزىلارغا ئەۋەتىپ، قىزىل تارىخنى سۆزلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. ھازىر يىچۈندە 1000 سىتۇدېنت كەنت كادىرى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتتىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈردى.

يىچۈن شەھىرى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، خالتا كوچىلارنى ئۆزگەرتىش، يۇندى سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا دائىر 5600 دىن ئارتۇق تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالدى. ھازىر يەرلىك تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ھەقىقىي سىڭدۈردى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

پارتىيە تارىخى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، تەرەققىيات كۈچى قوبۇل قىلىندى. جايلار قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەمدە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش داۋامىدا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.