ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-26 10:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 23-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ، شەنتۇ، چاۋجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خەن جېڭ گۇاڭجۇ يۇڭچىڭ مەھەللىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى مەيدانىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ گۇاڭجۇ مۇنارىغا چىقىپ گۇاڭجۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرۈپ، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ گۇاڭجۇ يۆجياڭ يولى كۆرگەزمىخانا شىبى كوچىسى ئۈلگە بۆلىكى، خەيجۇ دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىغا بېرىپ، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ شەنتۇ چياۋپى مەدەنىي يادىكارلىقلار سارىيى، چېن سىخوڭ قەدىمىي جايى ۋە چاۋجۇ گۇاڭ جى كۆۋرۈكى، راۋ زوڭيى ئېلىم سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، چاۋشيەن مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە قەدىمىي ئىماراتلەرنى رېمونت قىلىش، قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، كەڭ كۆلەمدە چېقىشقا، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى تارىخنى ئەستە ساقلاش، يۇرتىدا قىلىش ۋە يۇرتىنى سېغىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىللىقنى، مەنزىرىنى خەلققە قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

خەن جېڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى (گۇاڭدۇڭ) يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې رايونىدىكى شياڭگاڭلىق-ئاۋمېنلىق ياشلار ئائىلىسىگە كىرىپ، شياڭگاڭلىق-ئاۋمېنلىق ياشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆھبەتلەشتى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار، گۇاڭدۇڭ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار، ۋەتەن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار. كۆپچىلىكنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۈرەش نىشانى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىنى قوللىشىنى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەن جېڭ گۇاڭجۇ خەلقئارا جانلىقلار ئارىلى گۇاڭجۇ تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، تەجرىبىخانا قۇرۇش ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خەن جېڭ تەجرىبىخانىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
خەن جېڭ گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ لوگاڭ خېيۈەن كاپالەتلىك ئۆي مەھەللىسىگە بېرىپ، كاپالەتلىك ئۆي تۈرىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە چېقىپ كۆچۈرۈش ئۆيلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيىنى ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تۇرالغۇ كۆلىمى ۋە ئىجارە ھەققى، ئىجارە مۇددىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

خەن جېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىن مەركىزىي سوۋېت رايونىغىچە بولغان مەخپىي قاتناش لىنىيەسى شەنتۇ قاتناش ئوتتۇرا بېكىتىنىڭ كونا ئورنىغا كېلىپ، قىزىل تارىخ ۋە ئىنقىلابىيمەدەنىيەتنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 23-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ، شەنتۇ، چاۋجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.