ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىچكى موڭغۇلدىكى قارا ئالتۇن چىرىكلىكى 20 يىل بۇرۇنغىچە تەكشۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 08:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى-مەملىكەت بويىچە كۆمۈر مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ رايون. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، كۆمۈرچىلىك كەسپى بىر تەرەپتىن «زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ كۈچلۈك ئالغا ئىلگىرىلىدى»، يەنە بىر تەرەپتىن «شىددەتلىك زورىيىپ»، تەدرىجىي چىرىكلىكنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىپ قالدى.

قارا ئالتۇن، يەنى كۆمۈر چىرىكلىكى ئىچكى موڭغۇلغا داغ چۈشۈردى، شۇڭا قاتتىق زەربە بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. 2020-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش-تەلەپلىرىگە ئاساسەن، كۆمۈر بايلىقى ساھەسىدىكى بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىكنى 20 يىل بۇرۇنغىچە ياندۇرۇپ تەكشۈردى.

بۇ يىل 5-مارت، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆمۈردىن پايدىلىنىپ چىرىكلىك قىلغاندا، چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ھامىنى ئاشكارىلىنىدۇ، ئاشكارىلىغاندىن كېيىن قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بىر تەرەپتىن چىرىكلىكنىڭ كۆپىيىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ساقلىنىپ تۇرغان چىرىكلىككە، پاش بولسىلا قەتئىي زەربە بېرىش لازىم، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەڭگۈ يولدا.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2020-يىلى 2-ئايدا 40 نەچچە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كونا ھېساباتلارنى ئاختۇرۇپ، ناچار ھېساباتلارنى تەكشۈرۈپ، قارا ئالتۇن چىرىكلىكىگە جەڭ ئېلان قىلدى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇلغا تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپە، بۇ-قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغان، قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى قىلىش شەرت بولغان، جەزمەن ياخشى قىلىدىغان ئىش دېدى.

لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە چىگىچنى يېشىپ، يىلتىزىنى قېزىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بەزى كادىرلار غەم-ئەندىشە قىلىپ، دېلىغۇل بولدى، ئەينى چاغدا مەسىلە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ جيې كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، تەكشۈرۈپ چىققان مەسىلىلەرنىڭمۇ تايىنى يوق بولۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قىلىش، ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈشكە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سىياسەت، قانۇن-نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جەنبو مۇنداق دېدى: ئۇ ئاكتىپ بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا بىز ئاۋۋال ئۇنى تەكشۈرۈپ باقايلى دېدۇق، دەرۋەقە ۋاڭ جيېنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كۆمۈر خوجايىنىغا پايدا يەتكۈزگەنلىكى، باشقىلارنىڭ پۇل ۋە ماللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى، يەنە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆمۈر كانغا پاي قوشۇپ نەپ ئالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

20 يىل بۇرۇنغىچە ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈش شەمشىرى-بەلگىلىمە، قانۇنغا خىلاپ ھالدا كۆمۈر بايلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى ھايىنىغا سېتىش، بەلگىلىمە، قانۇنغا خىلاپ ھالدا كۆمۈر بايلىقىنى تەقسىملەش، كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىك سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، كۆمۈر بايلىقى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»گە قارىتىلدى.

كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان قېزىش ھوقۇقى قانداق قولغا كەلتۈرۈلدى؟ پاي ھوقۇقى سودىسىنىڭ كەينىدە ھىيلە-مىكىرلەر بارمۇ؟ تەبىئىي بايلىق بولغان كۆمۈر قانداق قىلىپ چىرىكلىك كۆمۈرىگە ئايلىنىپ قالدى؟ ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشلاردىن تەرتىپ جەھەتتە ئاسانلىقچە يوچۇق تاپقىلى بولمايتتى. ليۇ جەنبو مۇنداق دېدى: دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ھېساباتنى تەكشۈرۈشتە چوقۇم پىيازنى سويغانغا ئوخشاش قەۋەتمۇ-قەۋەت سويۇش، ياڭيۇغا ئوخشاش بىرمۇ-بىر قېزىشقا توغرا كېلىدۇ، دېلو بېجىرىشتە قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىش شەرت.

ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كۆمۈرگە چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 3952 نى قوبۇل قىلىپ، 694 دېلودىكى 982 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك 62 ئادەم، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 223 ئادەم بار؛ 541 دېلو ئاخىرلاشتۇرۇلدى، 702 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، 890 ئادەم تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىندى، 101 ئادەم ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ھېساباتنى تەكشۈرۈش-تېخىمۇ ياخشى ھېساب ئېلىش ئۈچۈندۈر. كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىك مەسىلىسى نەچچە ئون يىل يامراپ، سىياسىي ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي ئېكولوگىيە، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ ھېساباتلارنى ئېنىق ھېسابلاش شەرت.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەخسۇس تۈزەش جەريانىدا 1513 كۆمۈرگە ئائىت مەسىلە تۈرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، ھېساب تۇرغۇزۇلۇپ بىر-بىرلەپ تۈزىتىلگەن. باھالاش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدە 445 تۈرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى مەلۇم بولدى، ئاپتونوم رايون كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى ۋە پاي ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پايدىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زىياننى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالماقتىكەن.

مەخسۇس تۈزەشتە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى پېنسىيەگە چىققان ياشانغان كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە قازا قىلغان بىر ئەمەلدارغا دېلو تۇرغۇزۇپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىياننى قايتۇرۇۋالدى، يەنە 200 مىليون يۈەننى تۆلىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھازىر كۆمۈرگە چېتىشلىق جەمئىي 40 مىليارد يۈەن زىياننى تۆلىتىۋالدى.

ئۇزۇندىن بۇيان كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ چىرىكلىك ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسى ئېنىق بولمىغانلىقىدا. شۇڭا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ رولى، بازارنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى.

2020-يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى «كۆمۈر بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» گە تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەمدە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ كۆمۈر بايلىقىنى تەقسىملەشنى قېلىپلاشتۇردى، كۆمۈر بايلىقىنى بازار ئارقىلىق تەقسىملەش ئارقىلىق كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىكنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىنى ئالدى.

ئېكولوگىيە ھېساباتىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆمۈرلۈك ( كۆمۈركان ) ئوت رايونىنىڭ قېزىپ بولۇنغان رايونىدىكى ئاپەتنى تۈزەش تۈرىدە ساقلانغان 735 مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقتى. ھازىر جايلار ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇرماقتا، كۆمۈر قېزىلىپ بولغان كانلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ ئېكىنزارلىققا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىچكى موڭغۇل نېمىگە قەرز بولسا شۇنى قايتۇرۇش، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمە بولمىسا شۇنى قىلىش پوزىتسىيەسى بويىچە، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە ھەم «ئارقىغا بۇرۇلۇپ»، ھەم «ئالدىغا قاراپ»، كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلىكنىڭ كۆپىيىش مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

2000-يىلىدىن بۇيانقى خىزمەتتىكى ۋە پېنسىيەگە چىققان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1 مىليون 390 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمىنى«شەخسكە ئالاقىدار ئىشلار دوكلاتى»نى تولدۇرۇشقا تەشكىللىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 3413 كىشى كۆمۈرگە چېتىشلىق كارخانىلاردىن ئالغان پايدىسىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق پۇل 7 مىليارد 571 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتى ۋە ئۇلارنىڭ جورىسىنىڭ كان بايلىقىنى ئېچىشقا قاتنىشىش قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2020-يىلى ئۇدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، قارار قىلىپ ھوقۇق چېكىنى داۋاملىق ئېنىقلىدى.

كۆمۈر ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چىرىكلىككە چېتىلىدىغانلا بولسا مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقتىن ئېنىق سىگنال بېرىلدى. شىرىنغول ئايماقلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئايماق باشلىقى لو چىڭ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە چوقۇم كەسكىن بولۇپ، دائىم چۆچۈتۈش كېرەك.

كۆمۈرگە چېتىشلىق چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا داۋاملىق چوڭقۇر، پۇختا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلماي، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىچكى موڭغۇلدىكى قارا ئالتۇن چىرىكلىكى 20 يىل بۇرۇنغىچە تەكشۈرۈلدى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى-مەملىكەت بويىچە كۆمۈر مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ رايون. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، كۆمۈرچىلىك كەسپى بىر تەرەپتىن «زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ كۈچلۈك ئالغا ئىلگىرىلىدى»، يەنە بىر تەرەپتىن «شىددەتلىك زورىيىپ»، تەدرىجىي چىرىكلىكنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىپ قالدى.