ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ سەككىز مەسىلە ئۇقتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 09:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ماي بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، رۈيلى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى گۇڭ يۈنزۈننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ۋەزىپىسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى؛

شەنشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «چىنيۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەپ دېتالىنى كېڭەيتىش جەريانىدا، قاتلاممۇ-قاتلام سېلىق سېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش مەسىلىسى؛

لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھىرى داۋا رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شۆبىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسى؛

جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى ئەترەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ جياجۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى؛

جۇڭگو بانكىسى جۇڭيىن سۇغۇرتىسى سۇجۇ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېن يۇڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات بېرىش مەسىلىسى؛

تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى تاڭگۇ تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى شيې جۇڭتاڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تولۇقلىمىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقىتىش مەسىلىسى؛

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانغاد شەھىرى نىڭچېڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شيا جىڭتۇنىڭ ئوغلى توي قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق شىلىۋېلىش مەسىلىسى؛

ئەنخۇي ئۆلكىسى چىجۇ شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى تاۋ خاۋخەينىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرغان زىياپىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق ناتوغرا ئىستىلىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، نۆۋەت ئالمىشىشتىكى كەيپىياتنى چىڭىتىش؛ «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزىتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىستىل، دۇرۇس كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ماي بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى-«تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسى ئاسان يۈز بېرىدىغان مەزگىل، شۇڭا ئىنتىزام ئىجراسىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، بايرامدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ سەككىز مەسىلە ئۇقتۇرۇلدى

ماي بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى.