ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 09:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېينىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ كېمىڭنىڭ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ خۇينىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك لايىھە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بەردى.

يىغىندا شۈ خۇينىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ بىشىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن چۈنياۋنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ جياڭ بىشىننىڭ رېۋىزىيە خادىمى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىشىڭنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى قەرەللىك مال قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى ئىزاھات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېسۈي ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەن يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق توققۇز قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئەدلىيە مىنىستىرى تاڭ يىجۈن ئىزاھات بەردى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا ئىزاھات بەردى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركەز خامچوتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دائىمىي كومىتېت خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ياۋبىن ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، تاڭ يىجۈن گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ۋاقتىنچە تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى.

يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنىڭ تولۇقلىما كېلىشىمنامىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ باۋچۈن ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما جاۋشۈ جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپكە، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپگە ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ كىۋادرات كىلومېتىر گۇرۇپپىلىق رەسەتخانىسى قۇرۇش ئەھدىنامىسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

يىغىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن 2020-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۈلياڭنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.