ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 16:59

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 27-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ۋىدېيو ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگېس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋېنسۇئېلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مادۇرو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىقلاردا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ۋېنسۇئېلا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش فاڭجېنىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش پىرىنسىپى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى ۋە ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو بىلەن ۋېنسۇئېلانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋېنسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

رودرىگېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. ۋېنېسۇئېلا جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ.

ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 27-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ۋىدېيو ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگېس بىلەن سۆھبەتلەشتى.