ئېلىمىز نوپۇسى بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭغا يەتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې يىغىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى جەمئىي بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭ بولۇپ، 2010-يىلىدىكى بىر مىليارد 339 مىليون 720 مىڭ نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، 72 مىليون 60 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، %5.38 ئاشتى؛ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولۇپ، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 0.57 پىرسەنتلىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن 0.04 پوئېنت تۆۋەنلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز نوپۇسى 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىق تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.