ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نۇقتىلىق يېزا-كەنتلەرگە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشقا 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نۇقتىلىق يېزا ـ كەنتلەرگە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشقا 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، دائىملاشقان كەنتتە تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنتلەر، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەپ ئورۇنلاشتۇرغان كەنت ( مەھەللە ) لەرگە قارىتا، 1ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر بىر تۈركۈم كەنتلەرنى تاللاپ، 1ـ شۇجى ياكى خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنتلەرگە قارىتا، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە داۋاملىق بىرىنچى شۇجىنى تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك.

«پىكىر»دە نامزات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش تەكىتلەندى ھەمدە كەنت پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن بىرىنچى شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«پىكىر»دە «باشقۇرۇش، باھالاشنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى يىلدىن كەم بولمايدۇ، مۇددىتى توشقاندا نۆۋەت ئالمىشىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئىلغارلارنى باھالاش، ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

«پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكوملىرى نۇقتىلىق يېزا ـ كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نۇقتىلىق يېزا-كەنتلەرگە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشقا 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نۇقتىلىق يېزا ـ كەنتلەرگە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشقا 1ـ شۇجى ۋە