ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلىشىپ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:32

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 31 ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ بولدى، ئۇلار ئىككى ئاي ئەتراپىدا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

ھەر قايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئالدى بىلەن پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۇقتۇردى. ھەرقايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىش سىياسىي كۆزىتىش، مۇھىم سىياسىي خىزمەت. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى جايىدا بولماسلىق، ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپتىن چەتنەش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش-چەكلەش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق بولماسلىق، «تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بەنزىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى جايىدا بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئاجىز بولۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.








中央广播电视总台 央广网 版权所有

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلىشىپ بولدى

يېقىندا، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى