قورامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار ئازلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-ئىيۇن ئېلان قىلغان «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتى 2020-يىللىق ئاق تاشلىق كىتابى»دا ئاشكارىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قەستەن قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، زەھەر ئېلىپ سېتىش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئادەم سانىنىڭ بارلىق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەم سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن%2.16 تۆۋەنلىگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۆرلەش-تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى بىلەن بىر قەدەر چوڭ باغلىنىشلىق ئىكەن. 2019-يىلى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.51، %5.12 كۆپەيگەندىن كېيىن، 2020-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %21.95، %10.35 تۆۋەنلەپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن زەھەر جىنايىتى، مەكتەپتە بوزەك قىلىش ۋە زوراۋانلىق جىنايى ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلانغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايىتىنى بوينىغا ئالغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ تەتبىقلىنىش ئەھۋالى ياخشى بولغان، ئاز قولغا ئېلىش، شىكايەت قىلىش ۋە قاماشتا ئېھتىياتچان بولۇش سىياسىتى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشتا يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغان.