ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭجۇ شەھىرى 38 رايوندا يېپىق باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئىجرا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-02 10:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

گۇاڭجۇ شەھەرلىك يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق شىتابى 1-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرىدىغان 38 رايونىنى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، لىۋەن رايونى جۇڭنەن كوچىسىدىكى پۈتۈن رايون، پۈتۈن شەھەردىكى يۇقۇملانغۇچىلار تۇرىدىغان ۋە خىزمەت قىلىدىغان 37 يۇقۇم نۇقتىسى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا كىشىلەرنى ئۆيدىن چىقارماي، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق رايونلاردا يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ھامان، دەرھال شۇ بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك، دېيىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقىرىقى رايونلارنىڭ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يۇقۇم خەۋپىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن جانلىق تەڭشىلىدۇ، دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ ۋە بىكار قىلىنىدۇ. يېپىق باشقۇرۇش ۋە قامال قىلىپ تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماددىي ئەشيا كاپالىتى، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، ئىنسانىي غەمخورلۇق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا» خىزمەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有