ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-03 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىل پۇختا بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي قوللانما. «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي خىزمەتنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەشكىلىي خىزمەتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جايلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام» يەتتە باب، جەمئىي 46 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.