مەركەز «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا زىيارەت قىلىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا 395 مىليون يۈەن ئاجراتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «1ـ ئىيۇل» ھارپىسىدا زىيارەت قىلىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 395 مىليون يۈەن ئاجراتتى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت قىلىپ ھال سوراش ئوبيېكتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچۇپ تەقدىرلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ زىيارەت قىلىپ ھال سوراش جەريانىدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ھازىر ھايات يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان شەھەر-بازارلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار (سىستېمىلار) ئۆزى دەرىجىلىك باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن يانداش مەبلەغنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «1-ئىيۇل»دىن بۇرۇن ھال سوراش ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.