ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى پۇختىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار زۇڭزا تۈگۈپ، ناخشا ئېيتىپ، رەسىم سىزدى، پاراۋانلىق ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن بالىلار بۇ يەردە بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بالىلار، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا پۈتۈن جەمئىيەتتە مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش ھېسسىياتى بولۇشى، ئورتاق تىرىشىپ ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بېقىش، تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 2014-يىلىدىن بۇيان 240 تىن ئارتۇق يېتىم، مېيىپ بالىنى ئورۇنلاشتۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پاراۋانلىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى، ھەقىقىي قارىغۇچىسى يوق 254 مىڭ بالا تۇنجى قېتىم كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئۆيىدە قېلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇرى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، گوۋۇيۈەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، مەملىكەت بويىچە 800 دىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورگىنىنىڭ تىپى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىدىغان بولدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 200 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان نوپۇسقا قارىتىلغان كاپالەت سىستېمىسىمۇ تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئۇدا ئۆستى، ياشانغانلار، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىلياردتىن ئاشتى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئاپپارات قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن مەھەللىدە ئائىلىدە كۈتۈنۈشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى 131 مىڭغا يەتكۈزۈلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇڭچېڭدا يېشى 80 دىن ئاشقان يېزا ئاھالىلىرى ھەر كۈنى چۈشتە كەنتتىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاشخانىسىغا بېرىپ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يەيدىغان بولدى.

ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 360 مىليون نوپۇسنى قاپلىدى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى، نامرات ئاھالىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى سۆھبىتى، دورا ۋە يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر دائىملاشتۇرۇلدى، تۈزۈملەشتۈرۈلدى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىمارلار دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ مىقدارلىق سېتىۋېلىنغان دورىدىن جەمئىي 157 خىلنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، دورا باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %52 تۆۋەنلىتىلدى.

تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇستەھكەم تۆۋەن چېكى بەرپا قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2012-يىلىدىكى 152 مىليوندىن ئېشىپ، بۈگۈنكى كۈندە 218 مىليونغا يەتتى، كاپالەت دائىرىسى شەھەر-يېزىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق ئىشسىز خادىملارغىچە كېڭەيدى. ئەمگەك ئىقتىدارى ئاجىز، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، ئاساسىي تۇرمۇش تۆۋەن چېكى قەتئىي چىڭ تۇتۇلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز شەھەر-يېزىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش ۋە دائىملىق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردى. مانا بۇ ھەر بىر سان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى پۇختىلايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.