ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ ئاۋانگارتلىق كۈچى» جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 16:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 17-ئىيۇن جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھىدىن كەلگەن بەش مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو تۆمۈر يول ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.

شوپۇرلۇق قىلىۋاتقىنىغا 37 يىل بولغان، يەتتە پىراۋىسى بار پويىز شوپۇرىدىن، سائەتلىك سۈرىتى 400 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد دىۋىگاتېللىق پويىزنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان تۆمۈر يول پەن تەتقىقات خىزمەتچىسىگىچە، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، جۇڭگو تۆمۈر يول سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدىن كەلگەن بەش ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى.

جۇڭگو تۆمۈر يول جىنەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جىنەن پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى جىنەن دىۋىگاتېللىق پويىز سېخىدىكى دىۋىگاتېللىق پويىز شوپۇرى شۆ جۈن مۇنداق دېدى: 1924-يىلىلا ئوچاستىكىمىزدا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى، مەيلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە بولسۇن ياكى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بولسۇن، نۇرغۇن قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كېلىپ، «مەڭگۈ ئالدىدا مېڭىش» كۈرەش روھى شەكىللىنىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پويىز شوپۇرلىرىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «يول ئاچقۇچى ئاۋانگارت» لاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو تۆمۈريولى نەننىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بەيسې پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى بەيسې لىنىيە سېخى بەيسې لىنىيەسى ئىش رايونىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ بوخۇا مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەلىك بەنجاڭ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، لىنىيەنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن، قايتا ـ قايتا ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ، ھەر كۈنى رېلىسقا يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، يامىشىپ چىقىپ، توختىماي مەشغۇلات قىلىمەن. بىز تىرىشىپ لىنىيەنىڭ رېلىس ئارىلىقىدىكى خاتالىق پەرقىنى مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىمىز.

مۇخبىرنىڭ يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىككە ماس كېلىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئىچكى ئېلېكتىرونلۇق قوش مەنبەلىك ھەرىكەت كۈچى مەركەزلەشكەن دىۋىگاتېللىق پويىز تەتقىقات سىنىقىدىن ئۆتكەن، بۇ پويىز بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا شىزاڭغا قاتنايدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىز يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق «گۈللىنىش» ناملىق دىۋىگاتېللىق پويىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، كەلگۈسىدە بېيجىڭ-شاڭخەي، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ ۋە چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قاتارلىق لىنىيەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول پەن تەتقىقات يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پاراۋۇز قاتناش ۋاسىتىلىرى تەتقىقات ئورنى تارتىش كۈچى، تورمۇز كۈچى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

پويىزنىڭ سۆرەش، تورمۇزلاش، تور سىستېمىسى پويىز ھەيدەش سىستېمىسى چىقارغان بۇيرۇققا توغرا، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، پويىزنىڭ مۇقىم يۈرۈشىنى ساقلاپ، يولۇچىلارغا راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ ئاۋانگارتلىق كۈچى» جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 17-ئىيۇن جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى،