ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېشىل تەرەققىيات ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ گۈزەل رەڭگىنى ياراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-13 14:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇھىت-خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ-گۈزەللىك، كۆك ئاسمان-بەخت دېمەكتۇر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇملۇق خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر يۈرۈش نېگىزلىك، يول ئېچىش خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئىرادىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سالمىقىنىڭ چوڭلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى. ئەۋلادلارغا ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى پاكىز گۈزەل يۇرت-ماكان قالدۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارغا تولغان جۇڭگونىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا نامايان قىلىندى، بۇ-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ گۈزەل رەڭگىگە ئايلاندى.
    2020-يىلى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2013-يىلىدىكىدىن %54 تۆۋەنلىدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزىشى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپكۆك ئاسمان ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جۇلالاندۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز ھالدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى دەرىجىسىگە كۆتۈردى.
    سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى-ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلىدى. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بېكىتىشتىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشكىچە-شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى بىر تۇتاش تۈزەش، «چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى»، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى.
    شىمالدىكى رايونلاردا قىشتا پاكىز ئىسسىنىشتىن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقىچە، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشتىن شەھەرلەردىكى قارا، سېسىق سۇلارنى تۈزەش قاتارلىق يەتتە چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭگىچە-پۈتۈن جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈلدى.
    بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو يېشىللىققا پۈركەندى، ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %23 تىن ئاشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆكەرتىش كۆلىمى يەر شارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، شەھەرلەردە دېرىزىلەرنى ئاچسىلا يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، ئولتۇراق مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 14.8 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۈگۈنكى جۇڭگودا، مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %83.4 كە يەتتى، چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ سۈيى ئومۇميۈزلۈك سۈپەتلىك بولۇش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، نەنجىڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا، دەريا دېلفىنى توپ-توپ بولۇپ ئۈزۈپ يۈردى.
بۈگۈنكى جۇڭگودا 11 مىڭ 800 تەبىئىتى قوغدىلىدىغان جاي بار، چوڭ مۈشۈكئېيىق، داۋىدىيە دەرىخى قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق تۈرلەر تۈر توپى بويىچە ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك كۆپەيدى، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان 2900 خىلدىن ئارتۇق ئومۇرتقىلىق ھايۋان، 36 مىڭ خىلدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك خاتىرىگە ئېلىندى. بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بارغانسېرى يېشىللاشتى، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئون مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى يارىتىشقا سەرپ بولىدىغان سۇ مىقدارى %23.8 تۆۋەنلىدى؛ 2019-يىلى، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكىدىن 10.8 پوئېنت تۆۋەنلىدى، سۇ ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكىدىن 8.9 پوئېنت ئاشتى؛ 2012-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە %2.8 ئېشىشى-خەلق ئىگىلىكىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە %7 ئېشىشىغا تىرەك بولدى.
    ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىدىكى مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم يىراق كەلگۈسىنى نىشانلاپ، 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاپ، بىر مەيدان كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى قانات يايدۇردى.
    مۇساپە قايتىدىن باشلاندى، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان جۇڭگو تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېشىل تەرەققىيات ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ گۈزەل رەڭگىنى ياراتتى

2020-يىلى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2013-يىلىدىكىدىن %54 تۆۋەنلىدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزىشى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپكۆك ئاسمان ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جۇلالاندۇردى.