ئېلىمىزدە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95 كە يەتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. «14-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسىدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىرەكلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق، كاپالەت مۇۋاپىق بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليارد 7 مىليونغا يېتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ كەتتى.