ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭغا بىرنىيەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 16:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
    2010-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 15 مىڭ 800 نى تەشكىللەپ يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 154 مىليارد 773 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىر تۈركۈم كادىرلار شىنجاڭنى قۇرۇشقا بىر نىيەتتە ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
    قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىلىق شىپاخانىدا دوختۇرلار بىمار ئايەت ھەسەننىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا خېنەندىكى بىر دوختۇرخانا بىلەن يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتى. ئايەت ھەسەننىڭ قىزى پاتىگۈل ياقۇپ: يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ئاپام ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە يىراقتىن دىياگنوز قويۇشى ئارقىلىق نۇرغۇن داۋالاش خىراجىتىنى تېجەپ قالدۇق، دېدى.
    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مائارىپ، داۋالاش جەھەتتە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى مۇقىم تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 319 نى يولغا قويدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ گۇما ناھىيەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ تۈرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيەدىكى 266 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىگە نەپ يەتكۈزدى. ئەنخۇي ئ‍‍ۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق يارد‍ەم بېرىش ق‍‍وماندانلىق ئىشتابى تەشۋىقات ـ ئالماشتۇرۇش گ‍‍ۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى د‍ۇڭدۇڭ م‍‍ۇنداق د‍ېدى: تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى د‍اۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يارد‍ەم بېرىلىدىغان جاينىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.
    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە خەلق تۇرمۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە ئاساسىي قاتلامغا سېلىندى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن بازىرى ئەرشىلىدەن كەنتىدىكى يېشىل گۈللۈك كارىدور، كەڭ ئاسفالت يول، ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىلغان دېھقانلار ھويلىسى گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جى كۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يولغا قويغان فۇجيەن-شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كەنتى تۈرىنىڭ ياردىمى بىلەن كەنتنىڭ قىياپىتى ياخشىلاندى. يول، سۇ ئېلېكتىر، يېشىللاشتۇرۇش، يول چىرىغى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن 22 سى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى.
    شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكىگە باب كەلسە يېزا ئىگىلىكى بىلەن، سانائەتكە باب كەلسە سانائەت بىلەن، ساياھەتچىلىككە باب كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە يولغا قويۇلدى؛ شىنجاڭ «شىرۇڭ» كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇزىننەت چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، تۇرسۇنگۈل مۇتەللىپ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دەسلەپتە بىر ئايدا تەخمنەن 1800 يۈەن ئىش ھەققى ئالاتتىم. كارخانىمىزدىكى تېخنىكلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگەتتى، مەنمۇ ئەستايىدىل ئۆگەندىم، يېرىم يىلدىن كېيىن باشقۇرغۇچى بولدۇم، ھازىر 3500 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىمەن.
    يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 3000 دىن كۆپرەكى يولغا قويۇلدى، بۇ 30 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىگە چېتىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭغا بىرنىيەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىلدى

2010-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 15 مىڭ 800 نى تەشكىللەپ يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 154 مىليارد 773 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.