ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي ـ زېمىن بازىرىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-23 09:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى «14ـ بەش يىللىق» تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش؛ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، كاپالەت ئوبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ياشلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش؛ «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ئۆيلەرنى ئاساس قىلىپ، «خىزمەت بىلەن تۇرالغۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ «ئۈستىگە ئالالايدىغان، داۋاملىق تۇرالايدىغان بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئىجارە ھەققىنى بېكىتىشنىڭ ئىلمىي مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نوپۇس كىرىدىغان شەھەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنداق دېدى: ئۆي ـ زېمىن خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماي، تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي ـ زېمىننى قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادنى قوزغىتىش ۋاسىتىسى قىلماي، يەر باھاسىنى، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆي-زېمىننىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت قورال ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. ئۆي-زېمىن پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي ـ زېمىن كارخانىلىرىنىڭ «ئۈچ لىنىيە، تۆت دەرىجە» بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي ـ زېمىن قەرز پۇلىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش؛ «يەر باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ يەر سېتىۋېلىش مەبلىغىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەرتىپىنى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قاتارلىق بازار ئاپپاراتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، بازاردىكى قالايمىقانچىلىقنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي ـ زېمىن بازىرىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

خەن جېڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي ـ زېمىن بازىرىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى