ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-23 09:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«پىكىر» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار، بولۇپمۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىش كېرەك.

2025-يىلىغىچە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ سۈپەت ئىسلاھاتى، ئۈنۈم ئىسلاھاتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سېلىنما-ھاسىلات ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ. دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 پوئىنتتىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ، ئىش تەقسىماتى مۇۋاپىق، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ماس تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، شەھەر-يېزا رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭكەشلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. يېشىل تەرەققىيات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر تەرەققىيات ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىدۇ. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىۋىي سەھىيە قاتارلىق زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە بىر تۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.

2035-يىلىغىچە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ، كەسىپلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويىدۇ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمە-مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

ئىككىنچى، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا رايونلىرى تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆلكىلەر ئارا ھەمكارلىشىش ۋە چېگرالىنىدىغان رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئورتاق كاپالەتلىك قىلىش، بىرلىكتە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك.

بەشىنچى، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

سەنشى، ئەنخۇي، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پىلان ۋە مۇھىم سىياسەتلەرنى تۈزۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال قوللىشى كېرەك.

دۆلەت ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسى بىر تۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ پىكىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»

يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.