ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە كۆپ مەيدان دۆلەت ئايرىمىسى باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-07 17:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2021-يىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 52 مەيدان مۇنبەر يىغىنى ۋە تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى مەخسۇس تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، چىلى، مېكسىكا، بىرازىلىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت تاماشىبىنلارغا ئۆز دۆلىتى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ئالاقىسى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ياخشى ئىقتىساد-سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى كۆرگەزمە رايونىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو بازىرىغا بولغان قىزغىنلىقىنى بەس-بەستە ئىپادىلىدى.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنىلا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈن بولۇپ، ئۇددا بەش كۈن داۋاملاشتى، يىغىن مەيدانىنىڭ قىزغىنلىقى پەسەيمىدى. تېلېگراف، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى مەخسۇس كۆرگەزمە رايونىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپ-سۈزۈك ئۈن-سىن مۇلازىمەت بۆلىكىدە 5G+8k ئادەتتىن تاشقىرى سۈپ-سۈزۈك + قوللىنىش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن نامايان قىلىندى. مەدەنىيەت ساياھەت مۇلازىمىتى مەخسۇس كۆرگەزمە رايونىدا، جۇڭگو ئامىلى بىلەن مودا ئېقىم بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە تاماشىبىنلارنى چۆكمە شەكىلدىكى يېڭى تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە، يېشىل، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چۆرىدىگەن كۆپ مەيدان مۇنبەر ۋە نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىشمۇ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پايتەخت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس پۇل سىياسىتى قورالى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
 











中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە كۆپ مەيدان دۆلەت ئايرىمىسى باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

2021-يىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 52 مەيدان مۇنبەر يىغىنى ۋە تونۇشتۇرۇش،