ئېلىمىز گاۋفېن 5-نومۇرلۇق 02 سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە گاۋفېن 5-نومۇرلۇق 02 سۈنئىي ھەمراھىنى ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇرلۇق ئىككىنچى توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 387-قېتىم ئۇچۇشى.