ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 59-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 13-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەۋسىيە كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ 2021-يىلى مەخسۇس دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانىنى تۈزدى، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار يىل بېشىدا بېكىتىلگەن دېموكراتىك نازارەتچىلىكتىكى نۇقتىلىق تېمىلار بويىچە ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىزچىل يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتقان ھالدا دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، سالمىقى بار نازارەتچىلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، «نازارەت قىلىشنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈش» شەكلى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

رەئىسلەر يىغىنىدا، 2021-يىللىق 3-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چېن لەي تەكلىپكە بىنائەن «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 59-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 13-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.